Chinese→Uyghur主要词典
穿心莲
بىئولوگىيە
ئاندروگرافىن ئوتى
ئاكانتاتسىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت قىرلىق بولۇپ، تۆۋەن تەرىپى كۆپ شاخلىنىدۇ، بوغۇمى چوڭ بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان چاسا يۇمىلاقتىن چاسا يۇمىلاقسىمان تۆمۈنە شەكىللىككىچە بولىدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى چوققىدا ۋە قولتۇقتا ئۆسىدۇ، توپلىشىپ چوڭ تىپتىكى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈلتاجى ياپراقچىلىرى ئۈچ بۇلۇڭلۇق تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، بەزلىك تۈكچىلەر ياكى مىكرو تۈكچىلەر بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى ئاق رەڭدە بولۇپ، تۆۋەندىكى كالپۇكسىمان ياپراقچىسىدا سۆسۈن يولچىلار، سىرتىدا بەزلىك تۈكچىلەر ياكى قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئۇ ئىككى دانە كالپۇكسىمان بولۇپ، ئۈستۈنكى كالپۇكى ئىككىگە ئازراق يېرىلىدۇ. ئاستىنقى كالپۇكى ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلىدۇ. ئاتىىقى ئىككى، ئاتىلىق يىپىنىڭ بىر تەرىپىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. غوزا مېۋىسى ياپىلاق، ئوتتۇرا قىسمى ئويمان بولۇپ، شالاڭ بەزلىك تۈكچىلەر ئۆسىدۇ. ئۇرۇقى 12 تال، تۆت قىرلىق، پۈرۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جەنۇبىي ئاسىيا بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ھازىر جۇڭگوغا كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. غول ۋە يوپۇرمىقى ئىنتايىن ئاچچىق، دورا قىلىنىدۇ، سوغۇقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسەن دېزىنتېرىيە، قىزىتمىلىق زۇكام، بوغۇز ئىششىپ ئاغرىش، غەلۋىرەك ئىششىقى ۋە قوڭىيوغان قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
chuān xīn lián
ئاندروگرافىس نېلۇپەرى
Dتېببىي
chuān xīn lián
چۈەنشىنليەن (جۆچۇاڭ ئائىلىسىدىكى چۇەنشىنليەن ئۆسۈملۈكىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى )Dئۆسۈملۈك
chuān xīn lián
پاقىئوتى، ئاندروگراىس نېلۇپىرى