Uyghur←Chinese主要词典
چىتتاگۇڭ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
吉大港起义
jí dà gǎng qǐ yì
ھىندىستاننىڭ چىتتاگۇڭ (ھازىر بېنگال دۆلىتىگە تەۋە) دېگەن يېرىدىكى خەلقنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1930-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخشىمى سۇريا كۇمارېن تېررورلۇق تەشكىلاتى - <چىتتاگۇڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيەت قوشۇنى> غا رەھبەرلىك قىلىپ، چىتتاگۇڭ قورال - ياراق ئىسكىلاتى ۋە ساقچى گازارمىسىنى تۇيۇقسىز ئىگىلىگەن. ئارقىدىنلا نامايشچىلار قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر مەركىزىگە باشلاپ بارغان ھەمدە كوچا ئىستىھكاملىرىنى ياساپ، پۈتۈن شەھەرنى كونترول قىلغان. شەھەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقى پورت ئىچىگە قېچىپ بېىرپ، كالكوتتادىن ياردەم سورىغان ھەمدە پورتتا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە، ھىندىستان قشۇنلىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچىلار شەھەردىن قايتىپ چىقىپ، جالالئاباد تېغىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. <جۇمھۇرىيەت قوشۇنى> نىڭ 30 نەپەر ئەزاسى سوتنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. 1932 - 9331 - <جۇمھۇرىيەت قوشۇنى> نى ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن قولغا ئېلىنغان.