Uyghur主要词典
چىشلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. چىشى بار، چىش سالدۇرغان، چىش چىقارغان.
ئالتۇن چىشلىق ئايال. چىشلىق چاق.
سۈپ. چىشىگەن، يېشىغا توشقان.
تۆت چىشلىق قوي. ئىككى چىشلىق تەخەي.
ئى. ساپاننىڭ چىش كىيدۈرۈپ قويۇلىدىغان ئۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۈگەننىڭ ئاستىنقى ياكى ئۈستۈنكى قىسمىدىكى قوشۇمچە ئېغىزدۇرۇق.
چىشلىق بېكىتمەك. چىشلىق سالماق.
دەستىگاھنى پانا بىلەن چىڭىتىش، بوشىتىش ئۈچۈن پاچاقنىڭ ئاستى ئۇچىغا چىقىرىلغان، ئاستى گۇندىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئەركەك تۈرۈم.