Uyghur主要词典
چېرنشېۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1828 - 1889) روسيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات. ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئەدەبىي تەنقىدچى. يازغۇچى. ساراتوۋ شەھىرىدە پاستېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات - تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا (1845 - 1850) ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، ئىقتىساد ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان، گېگېل ۋە فېييېرباخ پەلسەپىسىنى ھەمدە خىيالىي سوتسىيالىزم، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ۋە ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى تىكلىگەن. 1854-يىلدىن باشلاپ <زامانداشلار> ژۇرنىلىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1855-يىلى سەنئەتنىڭ رئاللىققا نىسبەتەن ئېستېتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا< دېگەن دىسېرتاتسىيىسىنى ئېلان قىلىپ، گۈزەللىكنىڭ ئۆزى تۇرمۇش دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلابىي رېئالىستىك ئېستېتىكىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى بايان قىلىپ، ئىدېئالىستىك ئېستېتىكىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. كېيىنكى يىلى >رۇس ئەدەبىياتىدىىكى كوگول دەۋرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى< نى ئېلان قىلىپ، 19 - ئەسىرنىڭ 30، 40-يىللىرىدىكى ئەدەبىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ بەرگەن، پەلسەپە جەھەتتە بېرىكلېي، داۋىت خۇم، كانت ۋە گېگېل قاتارلىقلارنىڭ ئىدېئالىستىك كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ماتېرىيالىستىك روھ ئارقىلىق گېگېل دىئالېكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ بىردەكلىكلىكىنى ۋە بىلىشنىڭ مەنبەسى ئوبيېكتىپ دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلى، ئەمەلىيەتنى بارلىق نەزەرىيىلەرنىڭ سىناق تېشى دەپ ئاتىغان. ئۇ 60-يىللاردىكى ئىنقىلابىي ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ >دېھقانلار ئازادلىقى< نەيرىڭىنى پاش قىلىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قوزغىلاڭ ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان. 1862-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 1889-يىلى قويۇپ بېرىلىپ يۇرتىغا قايتقان. ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگەك ۋە سۈرگۈن جەريانىدا >نېمە قىلىش كېرەك؟< ھەم >مۇقەددىمە< دېگەن روامانلارنى يېزىپ چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا >كاپىتال ۋە ئەمگەك<،
>پەلسەپىدىكى ئانتروپولوگىزملىق پرىنسىپ توغرىسىدا< قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن توپلىمى نەشر قىلىنغان.