Uyghur←Chinese主要词典
چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخى教会菲化运动
jiào huì fēi huà yùn dòng
ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فىلىپپىنى چېركاۋى قوزغىغان ئىسپانىيە چېركاۋىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. 1869-يىلى فىلىپپىنلىق پوپ بۇرگوس، گومېس ۋە زامورالارنىڭ رەھبەرلىكىدە فىلىپپىنلىق دىنداشلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرى مانىلاغا يىغىلىپ، ئىسپانىيە ئېپىسكوپلار ئۆمىكىنىڭ زالىملىقلىرىنى ۋە فىلىپپىن خەلقىغە سالغان ياۋۇز زۇلمىنى پاش قىلغان، مۇستەملىكىچىلرنىڭ دىنىي رايون مەسىلىسىدىكى مىللىي زۇلۇمى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشىگە قارشى تۇرغان، ئىسپانىيە مىسسىئونېرلىرى ئىگىلىۋالغان دىنىي رايوننى فىلىپپىنلىق پوپلار ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. 1872-يىلى بۇرگوس، گومېس، زامورا قاتارلىق ئۈچ پوپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ھەرىكەت ئاخىرلاشقان. چېركاۋنى فىلىپپىنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى فىلىپپىندا مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كېيىنكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。