Uyghur主要词典
چىراغ نۇرىدا ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
تەبىئىي يورۇقلۇق ئاجىز، تېمپېراتۇرا تۆۋەن پەسىللەردە مۇۋاپىق چىراغ نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئەمەلىيەت ئىسپاتىلىدىكى، سۈنئىي ئۇسۇلدا چىراغ نۇرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگەندە ئون كۈن ئەتراپىدا ئەلا سورتلۇق زىرائەتنىڭ مايسىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. مايسىنى تەبىئىي تېمپېراتۇرا، تەبىئىي يورۇتۇش مۇۋاپىق ۋاقىتتا يەرگە يۆتكىگەندە پىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، تەكرار تېرىش كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مەھسۇلات مىقدارىنمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇرۇق تاللاش ۋە ئەلا ئۇرۇقنى كۆپەيتىش جەھەتتە، چىراغ نۇرىدىن پايدىلىنىپ بىر يىللىق ئۆسۈملۈكنى بىر يىل ئىچىدە بىر قانچە ئەۋلاد كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ئۇرۇق تاللاش ۋە ئەلا تۈرىنى كۆپەيتىش جەريانىنى قىسقارتىپلا قالماستىن، يەنە كۆپىيىش كوئېففىتسېنتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئارىشاڭغا يېقىن ئەتراپتىكى يەرنىڭ ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ پارنىك ياساپ، زىرائەتنى سۈنئىي يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ تېرىپ ئۆستۈرۈپ، قىشتىن ئۆتكۈزگەندە ئوڭۇشلۇق پىشۇرغىلى بولىدۇ. چىراغ نۇرىدىن پايدىلىنىپ زىرائەت ئۆستۈرگەندە يورۇقلۇقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى تامامەن سۈنئىي تېزگىنلىنىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان ھالەتتە تۇرىدۇ؛ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ پەسىل چەكلىمىسىنى ساقىت قىلغىلى بولىدۇ. سانائەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە يورۇتۇپ تېرىپ ئۆستۈرۈش <زاۋۇتلىشىش> قا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش دەۋرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى ۋە مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.