Uyghur主要词典
چېقىشتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر - بىرىگە سۈركىمەك، ئۇرۇشتۇرماق.
قەدىمكىلەر ئىككى نەرسىنى بىر - بىرىگە سۈركەپ ياكى چېقىشتۇرۇپ ئوت ھاسىل قىلاتتى.
سېلىشتۇرماق، تەڭلەشتۈرمەك (قىممەت، مىقدار، چوڭ - كىچىكلىك ھەققىدە).
ئۆمەر باي ئۇنىڭغا: - قىزىڭ بالاغەتكە يەتتى! ياش چېقىشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، - دېدى.
كۆچمە. بىراۋغا يەنە بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلماق، چاقماق.
دادام كەلگەندە بىزنى ئۇ: <پاتقاق كېچىپ، كىيىم - كېچىكىنى بۇلغىدى> دەپ چېقىشتۇراتتى.