Chinese→Uyghur主要词典
抽象和概括
پسىخولوگىيە
ئابستراكتلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش
چۈشەنچىنى (ئۇقۇمنى) شەكىللەندۈرۈشتىكى تەپەككۇر جەريانى ۋە ئۇسۇلى، بۇ تىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئابستراكتلاش شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك بولمىغان بەلگىلىرىنى پىكرەن چەتتە قالدۇرۇپ، ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى پىكرەن ئاجرىتىپ چىقىرىشتۇر. ئومۇملاشتۇرۇش بىر قاتار ئورتاق بەلگىلەرگە ئىگە بولغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى پىكرەن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۇنى مۇشۇنداق ئورتاق ماھىيەتلىك بەلگىلەرگە ئىگە شەيئىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇپ، بۇ بىر خىل شەيئىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي چۈشەنچىنى (ئۇقۇمنى) شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئابستراكتلاش شەيئىلەرنىڭ بەلگىلىرىنى (خۇسۇسىيەتلىرىنى) ئانالىز قىلىش، سىنتېزلاش، سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئابستراكتلاش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئۆزئارا باغلىنىشلىق. ئابستراكتلاش بولمىسا، ئومۇملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇشمۇ ئابستراكتلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئىلمىي چۈشەنچە، كاتېگورىيە ۋە ئومۇمىي پرىنسىپلار ئابستراكتلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. گەرچە بۇلار كونكرېت شەيئىلەرگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن كونكرېت شەيئىلەردىن ئايرىلغان قۇرۇق نەرسە ئەمەس، بەلكى بۇلار شەيئىلەر ماھىيىتىنىڭ ئىنكاسى.