Uyghur←Chinese主要词典
چوشو ۋاسساللىقى
دۇنيا تارىخى
长州藩
cháng zhōu fān
خاگى ۋاسساللىقى، مورى ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋاسساللىقلارنىڭ بىرى. ۋاسسال مورى جەمەتىىن ئېدو دەۋرىدە شۇخۇ، ناگاتو قاتارلىق ئىككى بەگلىكنىڭ يېرىنى باشقۇرغان (بۈگۈنكى ياماگوچى ناھىيىسىدە) 12-ئەۋلاد ۋاسسال مورى ئاكىچىن ۋاسساللىق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەتنى باي، ئەسكەرلەرنى كۈچلۈك قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە تىننونى ھۆرمەت قىلىپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە شۇگناتقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى جگريانىدا زور رول ئوينىغانلىقتىن، چوشو (ناگاسۇ) ۋاسساللىقىدىن چىققان شوگناتقا قارشى تۇرغۇچى كۆپلىگەن باشلامچىلار يېڭىلىققا كۆچكەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سامو ۋاسساللىقى زورمىگەرلىرى بىلەن تەڭ تۇرغان. چوشۇ (ناگاسۇ) ۋاسسالىقى زومىگەرلىرى شەكىللەنگەن. 1871-يىلى 6-ئايدا (قەمەرىيە) ياماگوچى ۋاسساللىقى بىلەن توكۇياما ۋاسساللىقى بىرلەشكەن. 7-ئايدا ۋاسساللىقلاr ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ياماگوچى، تويوئۇرا، ئىۋاكۇنى، شىموسۇئى قاتارلىق تۆت ناھىيە قۇرۇلغان. 11-ئايدا تۆت ناھىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ ياماگوچى ناھىيىسى بولغان.