Uyghur主要词典
چوقايغا نال قاققاندەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان، داڭقان پۇتىدەك قىلىنغان گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتكە قارىتىلغان ئىبارە: - قىز بېشى بىلەن ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، بالا ئوقۇتىمەن دەپ يۈرسە، چوقايغا نال قاققاندەك ئىش بولمايدۇ، ئۇكام؟ - دېدى شاكىر ئۇنىڭغا.