Uyghur←Chinese主要词典
چوڭ - كىچىكلىكىنى ئىدراك قىلىش
پسىخولوگىيە
大小知觉
dà xiǎo zhī jué
بۇ ئوبيېكتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسەن كۆرۈش سەزگۈسىگە تايىنىلىدۇ ھەمدە تېگىش سەزگۈسى بىلەن ھەرىكەت سەزگۈسىنىڭ ياردىمى بىلەن سېزىپ ئىدراك قىلىنىدۇ. ئوبيېكتىنىڭ كۆزنىڭ تورپەردىسىگە چۈشكەن سۈرىتىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى، كۆزنىڭ تەڭشەش ھەرىكىتى، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش ئوقىغا ماسلىشىش ھەرىكىتى چوڭ - كىچىكلىكنى ئىدراك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاساسىي ئامىللاردۇر. ئۇ ئوبيېكتنى سىلاپ باققاندىكى تېگىشنى سېزىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىپ توغرىلىنىدۇ. ئارىلىقنى ئىدراك قىلىش تەجرىبىسى، ئىدراكنىڭ تۇراقلىقلىنىڭ (كونىستانتىلىقىنىڭ) رولى ئارقىسىدا كۆرۈش سەزگۈسى بىلەنلا ئوبيېكتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.