Uyghur主要词典
چۆرۈمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىدىكى نەرسىنى قولدىن نېرىغا كەتكۈزمەك.
«جىغىماق» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
توپقا قاراپ تاش ئاتما. تاش ئاتقانغا ئاش ئات. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭ ئۆل، ئاتا - ئاناڭنى تاشلىما. توپنى ماڭا چۆرۈ. تاشنى ئىرغىرىپ ئويناش خەتەرلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نارازى بولۇپ قارىماي يۈرمەك.
باتنىغاننىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلار يەر. يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئىگىسىگە كېرەك بولسا، قوشنىسى ئۆپكىلىمەس. كۆپتىن قېيىداپ كۆنەلمەي قاپتۇ. ئۇ چاپان چۆرۈپ چىقىپ كەتتى. چاپىنىڭنىڭ پېشىنى قاققىنىڭ بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرسۇن نېمە بولدىكىن، تەتۈر قاراپ يۈرىدۇ. سىڭايان قارىغانغا سان يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پىرقىراتماق، ئايلاندۇرماق.
ئايۇپ تېلېفوننى چۆرۈدى.
ئەتراپنى قورشىماق.
دېھمان ئاز كۈندىلا بىر مولۇق باغنىڭ ئەتراپىغا تام چۆرۈپ بولدى.
ئورىماق، يۆگىمەك.
موكىغا يىپ چۆرۈمەك.
كۆچمە. قۇرماق، ياسىماق، ماڭدۇرماق.
بۇ يەرنى چاناپ، ئۆستەڭ ئېلىپ، تۈگمەن چۆرۈيمىز.
كۆچمە. راۋان باشقۇرماق، يېتەكلىمەك، يۈرۈشتۈرمەك، يولغا سالماق.
پۈتۈن يېزىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشىنى چۆرۈپ كېلىۋاتقان چەبدەس يىگىت بۈگۈن بۇ جىمجىت ئۆيدە يالغۇز ياتىدۇ.