Uyghur主要词典
چۆپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئوت، ئوت _ چۆپ.
ئاتقا چۆپ سال.* چۆپخانا.* ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن ( ماقال ).* مەرىگەن قوي چۆپنى ئاز يەيدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. نىپىز يېيىلىپ، ھەر خىل شەكىلدە كېسىلگەن خېمىر .
چۆپ توغرىماق.* قازانغا چۆپ سالماق.* ئاش يەڭ دېسە، چۆپنى تارتىدۇ، ئىش قىلىڭ دېسە، ئۆزىنى تارتىدۇ ( ماقال ).
2. چۆپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر تۈرى. نان چۆپ.* ياغلىما چۆپ.* قايماق چۆپ.* ئاتۇش چۆپى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۆشنى ئۇششاق توغراپ كەسكەن خېمىر، پىياز ۋە باشقا دارا _ دەرمەك سېلىپ يېيلىدىغان غىزا.
ئاتۇشنىڭ چۆپى ئوخشىسا تاماق. قىرغىز كىچىككىنە گۆش تاپسىلا نېرىن قىلىدۇ. قازاقنىڭ بەش بارمىقى _ تاماقنىڭ قايمىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈك ئىچىدە دەل - دەرەخ، زىرائەت، ئوتياشتىن باشقا غولى يۇمشاق ئۆسۈملۈكلەر.
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق. مەرىگەك قوي چۆپنى ئاز يەيدۇ. ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن. زەر ياستۇقنىڭ ئىچى ئوت - چۆپ. ئىككى پىل تالىشپ قالسا، ئەتراپتىكى ئوت - چۆپنى چەيلىۋېتىدۇ. گىياھ ئۈنمەيدىغان دەشت - باياۋاندا يەنىلا ھايات بار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دۇغ، تىلىپ، ھەرقانداق نەرسىنىڭ دۇغى.
شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، پەس كىشىلەرمۇ « چۆپ چەپ كىشىلەر» دېيىلىدۇ.
1 - 418
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۆپ، كەسمە.
بىر چۆپ يېگىل _ بىر تال چۆپ يېگىن. ئۈگرىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 418
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۆپ؛ دۇغ، دۇر، تىلىپ ~ تىرىپ.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ دۇغى، دۇرى. ئۈزۈم چۆپى _ ئۈزۈم تىرىپى. ياغ چۆپى _ ياغنىڭ دۇرى. بور چۆپى _ شاراب دۇغى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. تۇتماچ چۆپى _ چۆپ ئېتىش ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان يۇپقا كەسمىنىڭ ھەر بىرى.
3 - 165
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۇلاغ يەيدىغان ئوت.
ئۇ ئاتلارغا چۆپ تاشلاپ بەردى.
سۈپ . قاتتىق ھۆل، نەم : چۆپ بولۇپ كەتمەك .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نېپىز يېيىلىپ ، ھەر خىل شەكىلىدە كېسىلگەن خېمىر .
قازانغا چۆپ سالماق . چۆپ سۈزمەك
ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇ ئۇششاق توغرالغان پىششىق گۆش، سۇدا پىشۇرۇلغان چۆپ، يالپاقلاپ توغرالغان پىياز، مەلۇم مىقداردىكى قارىمۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە گۆشنىڭ شورپىسىنى قۇيۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شەكىل.