Uyghur主要词典
چۆمۈچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ، تاماق ئۇسىدىغان سايمان.
«چۆمچە» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
كەتمەن ئەرنىڭ قولىدا بولغىنى بىلەن، ساپلىق خوتۇنىنىڭ قولىدا. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ. قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ. نوگۇي _ دېھقاننىڭ ئۆز مەھسۇلى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ساپلىق. مەسىلەن: قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ ( ماقال ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۇسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمان؛ ساپلىق.
قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ (ماقال).
قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقار (ماقال).