Uyghur主要词典
چۆچەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كاسا، ئاياق .
تۆگىنى چۆچەكتە سۇغارماق.* ئات ھارسا بىر پىچاق، ئېشەك ھارسا بىر چۆچەك قوناق ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەر توغرىسىدا بالىلارغا خاس يارىتىلغان ھېكايە.
بالىلار چۆچىكى.* چۆچەك ئېيتماق.* چۆچەك ئاڭالىماق.* چۆچەك ئېيتقان تېرىدۇ، ئاڭالىغان يىغىدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چىلىچىلىك سايمىنى، تەۋەڭ.
پىلە قۇرتلىرىنى چۆچەككە سالماق.* چۆچەك توقۇماق.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى فانتازىيىلىك ئاساستا كۈلكىلىك ۋە قىزىقارلىق ھالدا ئەكىس ئەتتۈرىدىغان خەلقنىڭ ئېغىز ئىجادىي ھېكايىلىرى - چۆچەك دەپ ئاتىلىدۇ. مىسال: <ئۇر توقماق>، <يېيىلىك داستىخان>، <ئۈچ ئاكا - ئۇكا باتۇرلار> قاتارلىقلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان، خەلق ياراتقان فولكلورغا كىرىدىغان ھېكايە - قىسسە، نەقىللەر.
رىۋايەتتە كۆپىنچە تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
ئەپسانىدە قەھرىمانلىق ۋەقەلىرى فانتازىيىلىك رەۋىشتە تەسۋىرلىنىدۇ.
چۆچەكتە ئىجتىما
«كۆچ» رىۋايىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت رىۋايەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رىۋايەت. ئۇيغۇرلار بۆرە (كۆك يايل) نى توتېم قىلغاندىن بېرى، توتېم ھەققىدە بىر مۇنچە ئەپسانىلەر توقۇلغان. «ئۇر توقماق» چۆچىكى بىزدە كەڭ تارالغان، بىلمەيدىغان كىشى يوق دېيەرلىك. ئابدۇكېرىم راخمان يازغان «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر» دە ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدىن ئۈلگىلەر بېرىلگەن.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تاقلانغان پىلە قۇرۇتلىرىنى ئالىدىغان تەۋەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسلىرى توغرىسدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى فانتازىيىلىك ئاساستا كۈلكىلىك ۋە قىزىقارلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاغزاكى ھېكايە.
چۆچەك ئاڭلىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان چىنە.
بىر چۆچەك قېتىق.
ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق.