Uyghur主要词典
چوڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆلىمى جەھەتتىن باشقىلاردىن ئارتۇق، كىچىك ئەمەس.
چوڭىنىڭ دەردى چوڭغىچە. چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ. زورنىڭ زورلۇقى بار. يوغان سوزۇلار، ئىنچىكە ئۈزۈلەر. كاتتا ئىشىكنىڭ ئۈلگۈجىمۇ كاتتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ياكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى.
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى - ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. پارلامېنت بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. ئالىي سوۋېت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ئىدى. چوڭ خورال موڭغۇلىيىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئوگىنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
كىچىك ، ئۇششاق ، مەيدە، ئۇۋاق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان؛ چوڭلار، چوڭ كىشى...
كىچىك ، ئۇششاق
ئىسىملاشقان؛ كىچىكلەر، كىچىك كىشى...
چوڭ يۈزىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچار. بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ. چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى تويغا ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە كەلدى. ئەقىللىق ئەخمەق ئەخمەقلەرنىڭ كاتتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىگىلىگەن ئورنى، ھەجمى غايەت كەڭ؛ زور، يوغان.
چوڭ شەھەر. چوڭ بىنا. چوڭ ھويلا.
سۈپ. ياش سانى كۆپ، يېشى ئارتۇق.
يېشى چوڭ. مەن سەندىن چوڭ.
چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئېچىپتۇ (ماقال).
ئى. ياشانغان، مويسىپىت، مۆتىۋەر كىشى؛ ئاقساقال.
چوڭنى ھۆرمەت قىلماق. چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىماق.
ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان (ماقال).
سۈپ. ئۈستۈن، زور.
چوڭ غەلىبە. چوڭ ماھارەت.
بېلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر (ماقال).
سۈپ. داغدۇغىلىق، ھەشەمەتلىك؛ كاتتا، زور.
چوڭ مەرىكە.
ئابدۇللا بايلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، چوڭ توي قىلىپ ئۆيلەنگەنىدى.
سۈپ. كەڭ، كەڭتاشا، كەڭ - كۇشادە، ئازادە (ئولتۇرۇش، سورۇن ھەققىدە).
مۇئەللىم تارتىنماڭ، ئۆز ئۆيىڭىزدەك ئازادە، چوڭ ئولتۇرۇڭ، - دېدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
چوڭاخۇن، چوڭاق
ئۇلۇغ، ھۆرمەتە چوڭ