Uyghur主要词典
چېن گاۋ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋيېتنام دېھقانلار قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا چېن گاۋ رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى 1510-يىلى باشلىنىپ، 1516-يىلى خەيدوڭ رايونىدا پارتلاپ، كېيىنكى لى سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەرگەن. چېن لى سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەرگەن. چېن گاۋ ئۆزىنى چېن تەيزۇڭ (چېن جيۇڭ) نىڭ ئەۋرىسى دەپ ئاتىۋېلىپ، <شەرقتە پەغپۇر مەيدانغا كېلىدۇ> دېگەن بېشارەتنى تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭغا چاقىرىق قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار كۆپ بولغاندا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پايتەخت شىڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) نى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان. چېن گاۋ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، يىلنامىنى يىڭتيەنگە ئۆزگەرتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كۈرەش داۋامىدا چېڭ ۋىيچيەن قاتارلىق ھوقۇقدار، زالىم ۋەزىر، سەركەردىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، فېئودال ھۆكۈمرانلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن ھۆكۈمرانلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرۇشى ئاستىدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. چېن گاۋ چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولۇپ، ئورنىنى ئوغلى چېن شىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئوغلى يىلنامىنى شىۋەنخېغا ئۆزگەرتىپ، 1521-يىلى مەغلۇپ بولغانغا قەدەر كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.