领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىبىر چۈمۈلە ئوزۇق ئىزدەپ چېپىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا يولدا بىر پارچە نان ئۇچراپ قالدى. چۈمۈلە ناننى ئۇۋىسىغا ئەكەتمەكچى بولۇپ، ھەر قانچە كۈچەپمۇ كۆتۈرەلمىدى.
چۈمۈلە يۈگۈرۈپ يولداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە:
- يولدا بىر پارچە نان ئۇچرىغانىدى، كۆتۈرەلمىدىم، - دېدى.
- دوستلار، ھەممىمىز بىرلىشىپ كۆتۈرۈپ كېلەيلى، يۈرۈڭلار! - دېدى يەنە بىرى.
ھېلىقى چۈمۈلە بىر مۇنچە چۈمۈلىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىرلىشىپ ناننى كۆتۈرۈپ ئۆز ئۇۋىلىرىغا ئەكىلىشتى ۋە بىرلىكتە راسا مەززە قىلىشىپ يېيىشتى.