Uyghur主要词典
چىم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەك، راسا، تازا.
بىر نەرسىنىڭ ياش ياكى خام ئىكەنلىكىنى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز. چىم يىك ئەت _ بەك خام گۆش؛ چىم ئۆل تون _ تازا ھۆل تون.
1 - 440
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىم.
يەردىن ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تۇترۇق قىلىنىدىغان ئوت. چىم پىچتى _ چىم چاپتى.
1 - 440
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پۈرلەش، قورۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەق. چىمدىش، چېقىش، سانجىش ياكى بەدەندىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر تەسىرىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل سېزىم.
ئى. ھەددىدىن زىيادە كۈچەش ياكى تېز ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە، بەلدىكى بىر قىسىم مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل بەل ئاغرىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، پاكار ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە تۇپرىقى ۋە ھاۋاسى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.
قېلىن بىر قەۋەت لېيى بىلەن قېزىپ ئېلىنغان شۇ خىل ئوت. ئادەتتە يەرگە يېيىتىپ ئوتلاق ھاسىل قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى ئېرىق - ئۆستەڭ ياقىلىرىغا ياتقۇزۇپ، سۇنىڭ يالاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.