Uyghur主要词典
چېكىنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەينىگە قايتماق
ئالغا باسمىغان ئارقىغا داجىيدۇ. چېكىنىش يېڭىلىق ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يانماق، كەينىگە سۈرۈلمەك.
ئارقىغا چېكىنمەك.
دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن، ئەسلىي ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ، ئارقىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولماق، ئارقىغا يانماق.
دۈشمەنلەردىن ئۈچى يىقىلدى، قالغانلىرى كەينىگە چېكىندى.
كۆچمە. چىقىپ كەتمەك (مەكتەپ، خىزمەت، پارتىيە - گۇرۇھ قاتارلىقلاردىن).
بىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ كەتكەندە، ئۇ ئىككىنچى سىنىپتا قالدى ۋە ئاخىرى مەكتەپتىن چېكىندى.
كۆچمە. ئارقىغا يانماق، ئازايماق (بىلىم، سەۋىيە ھەققىدە).
ئادەمنىڭ قابىلىيىتى بەلگىلىك ياشقا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يېتىدۇ، ئاندىن كېيىن تەدرىجىي كەينىگە چېكىنىدۇ.