Uyghur主要词典
چىغىرىتماق
بىئولوگىيە
چىغىرىتماق ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى قىسقا ۋە توم، ئاچ سېرىق بولىدۇ. يوپۇرمىقى نەيزىسىمان، نېپز، سۇس يېشىل بولۇپ، ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ئىككى رەت بولۇپ تىزىلىدۇ. گۈل شېخى يوپۇرمىقى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ، يالغۇز ياكى ئىككىگە ئاچىماقلىنىدۇ، ھەر بىر شېخىدا 1 - 3 دانە گۈلى بولىدۇ. گۈلى يېپىنچىسى ئالتە، كۆكۈش بىنەپشەرەڭ بولۇپ، ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ؛ سىرتقى گۈل يېپىنچىسى بىر ئاز چوڭ بولۇپ قېنىق رەڭلىك تورسىمان سىزىقچىلار بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا تۇخۇ تاجىسىغا ئوخشايدىغان ئۆسۈكچە بولۇپ ئاتىلىقنى يېپىپ تۇرىدۇ، رەڭگى يېشىل بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تار چاسا يۇمىلاق، ئالتە قىرلىق، يۈزىدە تورسىمان سىزىقچىلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسىمى، يۈننەن، سىچۇەن، جياڭشى، خۇبېي، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىقلار بولۇپ بىرما ۋە ياپونىيىلەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 800 - 1800 مېتر ئېگىزلىكتىكى چاتقاللىق ئەتراپلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ گۈلى چوڭ ھەم چىرايلىق بولۇپ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، جۇڭگو تىبابىتىدە ئۇنىڭ يىلتىزسىمان غولى قۇستۇرغۇچى دورا قىلىنىدۇ ۋە قاننى جانلاندۇرۇپ قان قېتىشنى يوقىتىش، شامالنى ھەيدەپ نەملىكنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ تۈپ ئايرىش ياكى تېرش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.