Uyghur主要词典
چەتكە نېفىت چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى تەشكىلاتى
دۇنيا تارىخى
نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرغان تەشكىلات. ئۇ خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالىسنىڭ كونتروللۇقىغا ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي مەنپەئەتنى قوغدىغان. 1968-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كۇۋەيت، لىۋىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كېيىن ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، مىسىر، ئىراق، قاتار، تونىس قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نىفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نېفىت سانائىتى جەھەتتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق نېفت تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەرەب نېفىت دېڭىز نەقلىيات شىركىتى، ئەرەب كېمىسازلىق ۋە رېمونت رېمونت شىركىتى، ئەرەب نېفىت مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئەرەب نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلغان. 1973-يىلى ئۆكتەبردىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا، ئەزا دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتىش، مال چىقىرىش ۋە مال كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا زەربە بەرگەن. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ھەر يىل ئىككى قېتىم يىغىن چاقىرىدۇ. باش ئورگىنى كۇۋەيتنىڭ پايتەختى كۇۋەيت شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.