Chinese→Uyghur主要词典
臣民特许会
دۇنيا تارىخى
پۇقرالارغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقى
ئاۋسترىيىنىڭ يانچىلارنىڭ بېقىندىلىق مۇناىسۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پەرمانى. 1981-يىلى ئاۋسترىيە كورلى جوسېف Ⅱ دېھقانلار پەرمانىنى جاكارلاپ، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمرانلىقىدكى چېخ، موراۋىيە، سېلېسىيە، گالېتسىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق رايونلاردا يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا <پۇقرالار مۇناسىۋىتى> نى قويۇشنى بەلگىلىگەن. دېھقانلار ئۆزى خالىغىنىچە كۆچۈش، ئۆزى ئىش تېپىپ قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. لېكىن يەر يەنىلاپومېشچىكلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، دېھقانلار يەر ئىشلەتسە، ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەن، پومېشچىكلار دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، دائىم مۇشۇ پەرمانغا ئاساسلىنىپ، دېھقانلارنى خالىغانچە قوغلاپ چىقىرىپ، كەڭ دېھقانلارنى يەردىن مەھرۇم قىلغان. لېكىن بۇ پەرمان يېىزلاردا فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ يىمىرىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان.