Uyghur←Chinese主要词典
چەكتىكى غىدىقلاش
بىئولوگىيە
阈剌激
yùlájī
توقۇلمىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنكاسىنى ئەندىلا قوزغاتقان ئۈنۈملۈك غىدىقلاش - چەكتىكى غىدىقلاش دېيىلىدۇ. چەكتىكى غىدىقلاش سىجىللىقىدىن يۇقىرى بولغان غىدىقلاش - چەكتىن يۇقىرى غىدىقلاش دېيىلىدۇ. چەكتىكى غىدىقلاش سىجىللىقىدىن تۆۋەن بولغان غىدىقلاش - چەكتىن تۆۋەن غىدىقلاش دېيىلىدۇ. چەكتىن تۆۋەن غىدىقلاش توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسەتكەندە توقۇلمىنىڭ ئېنىق ئەكس تەسىرىنى قوزغىتالمايدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي تەسىر قىلمىغانلىق بولماستىن بەلكى، توقۇلمىلارنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇ ئاساستا ئىككىنچى قېتىم چەكتىن تۆۋەن غىدىقلاپ، ئىككى نۆۋەتلىك چەكتىن تۆۋەن غىدىقلاشنى كەينى - كەينىدىن تەسىر قىلدۇرغاندا توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى نۆۋەتلىك چەكتىن تۆۋەن غىدىقلاشنىڭ يىغىندىلىشىش ھادىسىسى بولۇپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك غىدىقلاشنى ئۈنۈملۈك غىدىقلاشقا ئايلاندۇرغان. چەكتىكى غىدىقلاشنىڭ قىممىتى چەك قىممىتى دېيىلىدۇ. چەك قىممىتى توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئىنكاس قىلالايدۇ. چەك قىممىتى كىچىك بولسا، بۇ توقۇلمىنىڭ ئاسان قوزغىلىدىغانلىقىنى، يەنى قوزغىلىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ چەك قىممىتى چوڭ بولسا، مەزكۇر توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشچانىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىدۇ. بەدەندىكى ھەر خىل توقۇلمىلارنىڭ ئىچىدە نېرۋا ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى.