چەكمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بارماق، زەخمەك قاتارلىقلار بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] پېشانىگە چەكمەك. * ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چىنە ئالساڭ چېكىپ كۆر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رايىنى، مەيلىنى بايقاپ كۆرمەك؛ سىنىماق:[مىسال:] رەيھان ھەر قېتىم چىققاندا، ھۈرنىساخان گەپ ئەگىتىپ قىزنى چېكىپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاللىماق، خىللىماق:[مىسال:] چېكىپ تۇرۇپ ئالماق.[يەشمىسى:] ④ يىڭنە قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاب ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىگە، نەرسە يۈزىگە سانجىپ ياكى ئويۇپ، تىلىپ، شەكىل چىقارماق؛ نەقىشلىمەك:[مىسال:] گۈل چەكمەك.