Uyghur主要词典
چىدام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە تېرىكمەي _ زېرىكمەي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى.
چىدامنىڭ ئۆزى ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. چىدام قابىلىيەتتىن ئەلا. بەرداشلىق _ خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچى. بەردەم بولساڭ، بارىنى يېڭىسەن.
پسىخولوگىيە
بۇ يەنە «سەۋرى»، «تاقەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تاشقى شەيئىنىڭ تەسىر قىلىشىغا ۋاقىت ۋە كۇچ جەھەتتىن چىداش دەرىجىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كۇچلۈك ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىنكاسى. بۇ چىدام، سەۋرى - تاقەت ئۇزۇن ۋاقىت مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا دىققەتنىڭ مەركەزلىشىپ تۇرالىشى، كۇچلۈك تەسىرگە ( مەسىلەن، ئاغرىش، شاۋقۇن، كۇچلۈك ياكى ئاجىز نۇرغا) چىداشلىقى، ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈملۈك تەپەككۇر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرالىشى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاقەت؛ سەۋر، غەيرەت، بەرداش.
ئۇ چىدام بىلەن ياشايتتى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چىدام، سەۋر - تاقەت.