—参考资料
چېچېنو - ئىنكۇرىش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى 19 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى چېچېن ئىنگۇرىش ھەم رۇس خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى گروزنىي شەھىرى. چېچېنسو - ئىنگۇرىش ئاپتونوم جۇھمۇرىيىتى 1936 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىغا جايلاشقان، يەر ۋەزىيىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي پەسىيىپ كاسپى دېڭىز بويى پەسلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 300-450 مىللىمتېرغا يېتىدۇ، شىمالىي تەرەپلىرىدە چۆللۈكلەر بار. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونا نېفىت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. نېفىت سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بېقىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن روستوف - باكو تۆمۈريولى كېسىپ ئۆتىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。