Uyghur主要词典
چېچەكلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چېچىكى ياكى گۈلى ئېچىلماق.
مەھەللە ئىچىدە ئۆرۈكلەر رەڭمۇرەڭ چېچەكلەپ، ئېرىقلارنىڭ بويلىرى يېشىل مەخمەلدەك كۆكەردى.
كۆچمە. گۈللەپ ياشنماق (ئادەم ھەققىدە).
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن، گۈلھەسەل خېنىم ئۆز ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ قايتىدىن چېچەكلىشىگە چوڭقۇر ئىشەندى.
كۆچمە. ئېچىغان نەرسىلەردە رەڭلىك كۆپۈكچە پەيدا بولماق.
بۇ ئاچچىقسۇ چېچەكلەپ قاپتۇ، بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.