—参考资料
چۇڭچىڭ
领域: جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەرچۇڭچىڭ چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن جيالىڭ دەرياسى بىرلەشكەن جايغا جايلاشقان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى راۋاج تاپقان. يېغىلىق دەۋرىدە با بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنىپ، جياڭجۇ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن، ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: بامەنزى قەبرىستانلىقى، كېمە جەسەت ساندۇقى، تاش قەبرىستانلىق، خەن سۇلالىسى خان جەمەتى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. سۇي سۇلالىسى كەيخۇاڭنىڭ1 - يىلى (581 - يىلى) جيالىڭ دەرياسى قەدىمدە يۇشۇي دەپ ئاتالغاچقا، باچۈننى يۇجۇغا ئۆزگەرتكەن، چۇڭچىڭ نامى قىسقارتىلىپ «يۈ» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى زامان تارىخىدا، شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۇڭمىڭخۇينىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى بولغان؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە يولداش جۇ ئېنلەي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جەنۇب بيۇروسى مۇشۇ يەردە تۇرغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقانلىرىدىن زېڭجيايەن قىياسى، خۇڭيەنسۈن8 - ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كونا ئورنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كونا ئورنى ھەمدە بەيگۇڭگۇەن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئورنى قاتارلىقلار بار. يەنە جەنۇبىي ئارىشاڭ، شىمالىي ئارىشاڭ، جىنيۈنشەن تېغى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار
例句
مەن چۇڭچىڭدىكى ئۆيۈمنى سېغىنadım.
翻译: I missed my home in Chongqing.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。