Uyghur主要词典
چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش مۇھىم پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
يايونىيە چاۋشيەننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسى. 1894 - يىلى ياپونىيەنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئوتورى (1833 - 1911) چاۋشيەن ھۆكۈمىتىگە ئوتتۇرغا قويغان. جەمئىي 5 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ئىچكى ئىشلارنى ياپونىيىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىسلاھ قىلىش؛ سىئول - رېنچۇەن، سىئول - فۇشەن تۆمۈر يوللىرىغا رېلىس ياتقۇزۇش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مۇھىم پروگرامما ياپونىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەنگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن.