Uyghur←Chinese主要词典
چاۋرى چاۋرا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
乔里一乔拉事件
qiáo lǐ yī qiáo lā shì jiàn
ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە ئۆلكىسى - ئود رايونىدىكى چاۋرى چاۋرا كەنتى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە - ھىندىستانساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسى. 1922 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، چاۋرى چاۋرا كەنتى خەلقى يىغىلىپ گەندى قوزغىغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان، ساقچىلار يىغىلغان ئاممىغا ئوق چىقارغاندا، 2000 دىن ئارتۇق ئامما قوزغىلىپ قارشى تۇرۇپ، كەنت ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇنى كۆيدۈرۋەتكەن. بىر مۇنچە ساقچىمۇ كۆيۈپ ئۆلگەن. گەندى بىلەن خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم داھىيلىرى بۇ ۋەقەدىن خاتىرجەمسىزلىنى، <باردورى قارارى> نى چىقىرىپ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى جاكارلىغان.