Uyghur主要词典
چاتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاتتى، قاتتى.
ئەر ئوغلاق قوزىقا چاتتى _ ئادەم ئوغلاقنى قوزىغا قاتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( چاتار _ چاتماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئورزۇلانىپ يۈكسەك تاغىغ ئوغلاق چاتار
ئۇيغۇر تاتىن يۇفغا ئالىپ يۇمغىن ساتار
«يۈكسەك تاغنى ماكان قىلىپ ئوغلاق چاتىدۇ،
ئۇيغۇر تاتتىن ئەرزەن ئېلىپ جۇغلاپ (قىممەت) ساتىدۇ.»
تاغ تۆپىسىنى ماكان قىلغان بىرسى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ تاغنىڭ تۆپىسىگە جايلاشتى، ئۇنىڭ ئىشى شۇكى، دائىم ئوغلاق، قوزا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى بىر - بىرىگە قاتىدۇ، يەنى قارا - قۇيۇق ئارىلاشتۇرۇپ پادىچىلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن بۇلاپ ئالغانلىرىنى جۇغلاپ ساتىدۇ.
ئوغۇزچە.
2 - 429