چاتاقⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق؛ يامان ئاقىۋەت، پېشكەللىك:[مىسال:] چاتاق بولماق، چاتاققا قالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى بىرەر نەرسىدىن كۆرۈلگەن ئاۋارىچىلىك؛ توسالغۇ، كاشىلا:[مىسال:] چاتاق تاپماق. چاتاق چىقماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتا قىلىنغان، توغرا بولمىغان؛ ناتوغرا:[مىسال:] چاتاق ئىش.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب تۈپەيلى يۈز بەرگەن ماجىرا؛ ئۇرۇش، جېدەل:[مىسال:] چاتاق چىقارماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىب، نۇقسان، ئېۋەن:[مىسال:] قېنى بۇ ئەينەك بىلەن ئارقىڭىزنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. چاتاق بارمۇ-يوق[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساغلام ئەمەس، ساغلام بولمىغان؛ كېسەل، ئاغرىق:[مىسال:] ئاشقازىنىڭىز چاتاق ئىكەن، داۋالىنىڭ.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇناسىۋەت، ئالاقە:[مىسال:] سېنىڭ ئىشىڭ بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىقىم.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بولمىغان، مۇرەككەپ، مۈجمەل تەرەپ:[مىسال:] ھۆسەن ئاكام چاتاقنىڭ نەدىلىكىنى تاپالماي، ھەم ھەيران بولدى. ھەم سوغۇققانلىق بىلەن سەۋەبنى ئىزدىدى.