Chinese→Uyghur主要词典
查苏利奇
دۇنيا تارىخى
زاسۇلىچ
(1849 - 1919) روسىيە مىنشىۋىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى نارودنىكلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1879 - يىلى <يەرنى قايتا تەقسىم قىلغۇچىلار> غا قاتناشقان. 1883 - يىلى نارودنىكلاردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، پلېخانوۋ بىلەن بىللە <ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى> نى قۇرغان. ئېنگلېسنىڭ <سوتسيالىزمنىڭ خىيالدىن پەنگە راۋاجلىنىشى>،ماركسنىڭ <پەلسەپە نامراتلىقى> دېگەن كىتابلىرىنى روسچىغا تەرجىمە قىلغان. 1900 - يىلى <ئېسكرا گېزىتى> نى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مىنشىۋىك بولۇپ كەتكەن. ستولپېن ئەكسىيەتچىلىكى مەزگىلىدە لىكۋىداتورلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا سوتسىيال شوۋىنزمنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مىنشىۋىكلارنىڭ <بىرلىككە كەلتۈرگۈچىلەر> نىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىپ كېتىپ،سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان.