Uyghur←Chinese主要词典
چاسلاۋ كلونىمىروۋىچ
دۇنيا تارىخى
恰斯拉夫.克隆尼米罗维
qià sī lā fū .kè lóng ní mǐ luó wéi
(؟ - تەخمىنەن 960) سېربىيە كىنەزى. سېرىبىيىدىكى ژۇپانىڭ ئەۋلادى. مىلادى 924-يىلى ئىمپېراتور سىميون سېربىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بارىمتا سۈپىتىدە بۇلغارىيىدە تۇرغان. تەخمىنەن 927-يىلى سېربىيىگە قېچىپ كەلگەن ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سېربىيىنى بولغارىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان. تەختتىكى مەزگىلىدە سېربىيىنڭ كۆپ قىسىم تېررىتورىيىسىنى بىرلەشتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە راسكا، زېتا، ترابنىيە، ھۇم ۋە بوسىنىيە قاتارلىق جايلار بار.