Uyghur主要词典
چاشنى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
لەززەت، تەم:
بەھرە:
1. شۇھبەتى پىرى مۇغاندىن چاشنى تاپقاچ كۆڭۈل،
ئۇلفەتى دۇنيا پەرەستى سىفلەسىدىن تەڭدۇر.
زەلىلى.
2. دىماغىم چاشنىئى تاپمادى فەريادى بۇلبۇلدىن،
چەدىسى خەتتۇ خالىڭ قىلمادىم يا ھەرفى كاكۇلدىن.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەزە، تەم، تېتىق؛ بەھرە؛ تېتىماق، مەززىسىنى تېتىپ كۆرمەك: چاشنىلىق - مەززىلىك، تاتلىق؛ شېرىن.