Uyghur主要词典
چارتال
بىئولوگىيە
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. كىچىك شېخى توم، سارغۇچ قوڭۇررەڭ بولۇپ، دات رەڭ ياكى ئاقۇچ قوڭۇررەڭ تىۋىت تۈكچىلەر قويۇق ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سېپى يوق دېيەرلىك، تېرىلەشكەن، تۆمۈنە شەكىللىك، تەتۈر تۆمۈنە شەكىللىك، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋىكىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدا شالاڭ ھەرە چىشى بولىدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئۈستى يۈزىدە پۈرمىلەر، ئاستىنقى يۈزى بىلەن يوپۇرماق سېپىدە قويۇق ئۆسكەن ئاقۇچ قوڭۇررەڭ يۇمشاق تۈك بولىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، ئومۇمىي گۈل سېپى، گۈل سېپى ۋە كاسا نەيچىسىنىڭ سىرتىدا قويۇق ئۆسكەن دات رەڭلىك يۇمشاق تۈك بولىدۇ، گۈل ئاق رەڭلىك بولىدۇ. نەشپۈتسىمان مېۋىسى شار شەكىللىك ياكى ئېللىپىس شەكىللىك، سېرىق ياكى ئاپېلىسىن رەڭلىك بولىدۇ. مۆتىدىل، نەم ئورۇندا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. تېرىش، ئۇلاش ياكى نوتا كۆمۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ ھازىر ھەممىلا يەردە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ ياكى ياۋايى ئۆسۈۋاتىدۇ. چارتالنىڭ خۇنەن، جياڭسۇ، جېجياڭدىن چىقىدىغانلىرى داڭلىق؛ ۋېيتنام، بىرما، ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆسىدۇ ياكى ئۆستۈرۈلىدۇ ياكى ياۋايى ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ سورتلىرى ئىچىدە ئاق چارتا بىلەن قىزىل چارتال ئەڭ ئەتىۋارلىق. مېۋىسى ئاچچىق - چۈچۈك بولۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۆپكىدىكى ھاۋانى راۋانلاشتۇرۇش، بەش ئەزانى كېڭەيتىش، قوسۇشنى توختىتىش رولى بار. ئۇرۇقى ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ، جىگەر كېسەللىرىنى داۋالايدۇ؛ يوپۇرمىقىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تۈكلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، دورا قىلىنىدۇ، ئۆپكىنى تازىلاش، يەلنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلنى داۋالاش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چار + تال
ئىسىم
بوتانىكا
ئازغان ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئىللىق رايونلاردا ئۆسىدۇ، مېۋىسىنى يېيىشكە بولىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن ئۈچكىسى دورا قىلىنىدۇ، يۆتەل پەسەيتىش رولىغا ئىگە.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.