چاردىۋان[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:]ناۋايىنىڭ لىرىك مىراسى «چاردىۋان»دۇر. ئەسلى نامى «خەزايىننۇل مەئانى» («مەنىلەر خەزىنىسى») بولۇپ، «غەريىبۇس سىخەر» («ياشلىق غارايىپلىرى»)، «نەۋادىرۇش شەباب» («يىگىتلىك نادىرلىرى»)، «بەدايىئۇل ۋەسەت» («ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى»)، «خەۋائىدۇل كىبار» («قېرىلىق پايدىلىرى») دېگەن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى ئۈچۈن «چاردىۋان» («تۆت توپلام») دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت، چىن ئىنسانىي سكيگۈ، ساداقەت، مېھرى-ۋاپا، دوستلۇق، ئىلىم، كامالەتكە بولغانئىخلاس، زالىملىق، ئالدامچىلىق، ئىنساپسىزلىق، ۋاپاسىزلىققا ئوخشاش يامان ئىللەتلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر نەپرەت، زامانغا بولغان نارازىلىق قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان.