Uyghur←Chinese主要词典
چاراكا
تارىخ
恰罗迦
qià luó jiā
دۇنيا تارىخى
罗迦
luó jiā
قەدىمكى ھىندىستانلىق تىببىي ئالىم. ئېيتىلىشىچە كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىردە) نىڭ ئوردا تېۋىپى بولغان. ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن سەككىز قىسىملىق <چاراكا ئەسەرلىرى توپلىمى> دا ھەرخىل كېسەللىكلەر ۋە تىببىي دورىلار، پاتالوگىيە، ئاناتومىيە، ئىمبىرىئولوگىيە قاتارلىق تىببىي مەسىلىلەر كەڭ بايان قىلىنغان. تەن - سالامەتلىكنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى ئوزۇقلىنىش، ئۇخلاش ۋە نەپسىنى تارتىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتاب مىلادى ⅤⅢ ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، كېيىن يەنە ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇلغان، خېلى تەسىرى بار.