Uyghur主要词典
چاقماقلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت( « چاقماقⅠ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق » قوشۇلغان ).
چاقماق چېقىپ تۇرغان.
چاقماقلىق كېچە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت( « چاقماقⅡ نىڭ 1 _ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق » قوشۇلغان ).
چاقمىقى بار، چاقماق بېكىتىلگەن. چاقماقلىق مىلتىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
( « چاقماقⅢ » كە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « لىق » قوشۇلغان ).
چاقمىقى بار، چاقماق شەكلىدە. چاقماقلىق رومال.* چاقماقلىق رەخت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چاقماق چاققان، چاقماق چېقىۋاتقان.
ئۇ ھېلىقى چاقماقلىق كېچىدىكى ۋەقەنى ئۇنتۇمايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چاقمىقى بار، چاقماق بېكىتىلگەن.
چاقماقلىق مىلتىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چاقمىقى بار، چاقماق شەكلىدە ئىشلەنگەن.
چاقماقلىق باش ياغلىقى.