Uyghur主要词典
چاقلىق قۇرتلار سىنىپى
بىئولوگىيە
تىرو خېلىمىنتېلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ تېنى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا كىشىدە ئاسانلا ئاددىي ھايۋانلار تىپىدىكى كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلار دېگەن خاتا تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلاردىن بولۇپ ھەزىم قىلىش، چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش، مۇسكۇل، نېرۋا قاتارلىق ئورگانلارغا ئىگە چاقلىق قۇرتلارنىڭ تېنىنى ئادەتتە باش قىسمى، گەۋدىسى ھەم ئىنچىكرەك كەلگەن جايلارنى قۇيرۇقى ياكى پۇتى دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېنىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىدىكى باش تەخسىسىنىڭ ئەتراپىدا بىر - ئىككى ياكى كۆپ قاتار بولۇپ تىزىلغان كىرپىك تۈكلىرى ئۆسكەن بولىدۇ. كىرپىك تۈكلىرى تەۋرەنگەن چاغدا چۆرگىلەۋاتقان چاقلىق دىسكىغا ئوخشايدۇ، چاقلىق قۇرت دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن. كىرپىك تۈكلەرنىڭ تەۋرىنىشى ھايۋان تېنىنى سۇدا ئۈزدۈرىدىغان ھەم ئوزۇقلۇقلارنى جەزىبە قىلىپ ئېغىزغا كىرگۈزىدىغان فۇنكسىيىسىگە ئىگە، ئىككىنچى مۇھىم ئالاھىدىلىكى، يۇتقۇنچاق ئىچىدە تەرەققىي قىلغان بىر چايناش ئاپپاراتى بولىدۇ. ھەقىقىي تەن بوشلۇقى بولمايدۇ، چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى بىر جۈپ تۈز - ئۇزۇن، بەزى جايلىرى سەل ئەگرىلەشكەن دەسلەپكى بۆرەك نەيچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، يالغان تەن بوشلۇقىنىڭ ئىككى يېنىغا بۆلۈنگەن. ئادەتتە ئاتىلىقسىز كۆپىيىدۇ، ئەركەك قۇرت پەيدا بولغاندىمۇ پەقەت ئىنتايىن قىسقا مۇددەتلا ھايات كەچۈرەلەيدۇ، قىش پەسلىدىكى ناچار مۇھىتتا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئۈچەك ھالىتىدە قىشلايدۇ. چاقلىق قۇرتلار كۆل، سازلىق كۆلچەكلىرى، سۇ ئامبارلىرى قاتارلىق ھەرخىل تىپتىكى تاتلىق سۇلارنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئاساسەن بىر خىل سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ياشايدىغان ھايۋانلار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بېلىقلارنىڭ (بولۇپمۇ ھەر خىل بېلىجانلارنىڭ) ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. چاقلىق قۇرتلار گەرچە دېڭىز سۈيىدىمۇ بولسىمۇ، لېكىن تۈرلىرى ۋە سانى تاتلىق سۇلاردىكىدەك كۆپ ئەمەس.