Uyghur主要词典
چاپان كۆتۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋلارغا خۇشامەت يۈزىسىدىن خىزمەت قىلماق.
چاپانچىلىق قىلىپ، چاپىنىدىن ئايرىلىپتۇ. تەخسىچىلىك قىلساڭ، تەخسەڭگە ھىيزى بول. داققالچىلىق ھۈنەر ئەمەس، ئەيىب. پورداقچىلىق ۋىجدانى يوقنىڭ ئىشى. چاپان كۆتۈرۈپ تاپقىنىڭ شۇمۇ؟ تەخسە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، مەنسەپكە چىقماق نومۇس. پورداق كۆتۈرگەن پوپوزىدىن قورقار.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋغا بولۇشماق، يان باسماق، خۇشامەت قىلماق؛ يالاقچىلىق قىلماق: - چاپان كۆتۈرسەڭ ئىشىڭ يۈرۈشۈپ كېتەمدۇ؟ * - جاللاتلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ نېمە تاپاتتىلا؟ - دېدى ئايتۇران ئېرىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىراۋغا بولۇشماق، يان باسماق، خۇشامەت قىلماق؛ يالاقچىلىق قىلماق.
ئاينۇر ئېرىگە: - جاللاتلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ نېمىمۇ تاپاتتىلا؟ - دېدى.