Chinese→Uyghur主要词典
朝鲜金石总览
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى
كىتاب ئىسمى. ياپونىيەلىك كاتسۇراكى چاۋشىيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى تۈزگەن <مېتال ۋە تاش ئابىدىلەر ئومۇمىي كۆرۈنۈشنىڭ كوپىيىسى> دىن 545 دانە مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئويۇلغان دەۋرى بويىچە رەتلەپ، مۇشۇ كىتابنى تۈزگەن. ئۇ ئىككى قىسىملىق بولۇپ، 9191 - يىلى نەشىر قىلىنغان. 1 - قىسىمغا ئۈچ دۆلەتتىن تارتىپ كورىيە دەۋرىگىچە بولغان مېتال ۋە تاش ئابىدە مەدەنىي يادىكارلىقلار كىرگۈزۈلۈپ، توپلىغىلى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىنغان (1 - 200 - نومۇرغىچە، 89 دانە مەدەنىي يادىكارلىق قوشۇمچە قىلىنغان)؛ 2 - قىسىمغا لى سۇلالىسىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن (201 - 545 نومۇرغىچە، 5 دانە مەدەنىي يادىكارلىق قوشۇمچە قىلىنغان). ئەسلى ئابىدە يوقلىرىدە بىرقانچە تارىخىي كىتابلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قوشۇمچە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن. كىيىن تېپىلغان 6 دانە مەدەنىي يادىكارلىق <چاۋشىيەن مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشنىڭ تولۇقلىمىسى> غا كىرگۈزۈلۈپ، 1923 - يىلى نەشىر قىلىنغان. ئاپتورنىڭ يەنە <چاۋشىيەننىڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرىنى تەكشۈرۈش> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، 1935 - يىلى نەشىر قىلىنغان.