Uyghur主要词典
چان فۇ
دۇنيا تارىخى
(1904 - 1931) ھىندىچىنى كومپارتىيىسىنىڭ تۇنجى باش سېكرىتارى. نامرات زىيالىي ئائىلىدىن كىلىپ چىققان. نىگېئەن شەھىرىدىكى فرانسىيە - ۋيتنام مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1926 - يىلى جۇڭگوغا كىلىپ خۇزىمىن بىلەن كۆرۈشكەن. 1930 - يىلى ھىندىچىنى كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلىنىپ، <بۇرژۇئا خەلق ھوقۇقى پروگراممىسى> (قىسقارتىلمىسى <سىياسىي پروگرامما> دەپ ئاتىلىدۇ) نى تۈزۈپ چىققان، ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە قۇربان بولغان.