Uyghur←Chinese主要词典
چاڭلىنىش
بىئولوگىيە
传粉
chuánfěn
گۈل چېڭىنىڭ چاڭداندىن چېچىلىپ چىقىپ ئانىلىق ئاغزىغا (يېپىق ئورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە) ياكى تۆرەلمە تۈگۈنىگە (يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە) بارغۇچە بولغان جەريان. بۇنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ؛ بىرى، ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىش، ئوخشاش بىر گۈل ئىچىدىكى چاڭلىنىش جەريانى. مەسىلەن، بۇغداي، ئارپا، كۆك پۇرچاق، خاسىڭ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر. يەنە بىرى، چەتتىن چاڭلىنىش، يەنى ئوخشاش بولمىغان گۈللەر ئوتتۇرىسىدىكى چاڭلىنىش جەريانى، بۇ ئوخشاش بولمىغان تۈپلەر ئوتتۇرىسىدىكى چاڭلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. چەتتىن چاڭلىنىش سىرتقى كۈچنىڭ ۋاستىسىگە تايىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا چاڭلىنىش ئاساسەن شامال ۋە ھاشاراتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، سۇ ۋە قۇشلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن چاڭلىنىدىغانلارمۇ بولىدۇ. گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاز ساندىكىلىرى ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى چەتتىن چاڭلىنىدۇ. چەتتىن ئۇرۇقلانغاندا كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ ياشاش كۈچى ۋە ماسلىشىشچانلىقى كۈچىيىدىغانلىقتىن، ئۆسۈملۈكلەر تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تەرەققىي قىلىدۇ. بىراق، ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىشمۇ باشقا ۋاستىچىلەرگە تايانماسلىقتەك پايدىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە قوشۇمچە چەتتىن چاڭلىنىدىغانلارمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز گەرچە ئۆز گۈلىدىن چېتىشىشنى ئاساس قىلسىمۇ، بەلگىلىك دەرىجىدە چەتتىن چاڭلىنىش ئۈنۈمىمۇ بولىدۇ، شۇڭا، ئۇ ئادەتتە چەتتىن چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ.
ئورمانچىلىق
授粉
shòu fěnDتەبىئىي جۇغراپىيە
传粉
chuán fěnDباغۋەنچىلىك
传粉
chuán fěnDئۆسۈملۈك
传粉
chuán fěn