Uyghur主要词典
چالدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چالدى، يىقىتتى؛ ئاڭلاتتى، ئىشىتتۇردى.
ئول ئانى چالدى _ ئۇ ئۇنى چالدى، چېلىشىپ يىقىتتى. ئول سۆزۈڭ مەنىڭ قۇلۇققا چالدى _ ئۇ سۆزنى مېنىڭ قۇلىقىمغا ئىشىتتۇردى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: چاقسا تۇتنۇر چالسا بىلنۈر _ چاقماق چېقىلسا ئوت تۇتىشار، سۆز ئاڭلىتىلسا مەقسەت بىلىنۇر.
2 - 30
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇردى.
تونۇغ تاش ئۈزە چالدى _ توننى تاش ئۈستىدە ئۇردى، يەنى كىر كيىمنى تاش ئۈستىدە ئۇردى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىتىم تۇتۇپ قۇزى چالدى
ئانىڭ تۈسىن قىرا يۇلدى
باشىن ئالىپ قۇزى سالدى
بوغۇز ئالىپ تۈگەل بوغدى
«ئىتىم تۇتۇپ تۆۋەن چالدى،
ئۇنىڭ تۈكلىرىنى راسا يۇلدى،
بېشىدىن ئېلىپ تۆۋەنگە قايرىدى،
بوغۇزىدىن ئېلىپ تازا بوغدى.»
مېنىڭ ئىتىم (بۆرىنى) تۇتۇپ، يەرگە باستى، تۈكلىرىنى يۇلدى، بېشىنى ئارقىغا قايرىپ، بوغۇزىدىن ئېلىپ راسا بوغدى ( چالار _ چالماق).
2 - 31