Chinese→Uyghur主要词典
查卡布科战役
دۇنيا تارىخى
چاكابۇكو جېڭى
لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭلەرنىڭ بىرى. بۇ جەڭ چېلىنىڭ سانتىياگو شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چاكابۇكو تېغىدا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1817-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا سان مارتىن بىلەن ئوھىگگىنىس ئارگېنتىنادا تەشكىللەنگەن ئاندىس ئارمىيىسىنى باشلاپ مېندوسادىن بەش يۆنىلىش بويىچە يولغا چىقىپ، ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتكەن 2-ئاينىڭ باشلىرى چىلىغا كىرگەن، 12-كۈنى چاكابۇكو بازىرىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈستۈن ئەسكىري كۈچ بىلەن دۈشمەننى تارمار كەلتۈرگەن ھەمدە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى غەلىبە سانتىياگونى ئىگىلىگەن.