Uyghur主要词典
چايكوۋسكىي
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
چايكوۋسكىي (1840 −1893 ) روسىيىنىڭ ئەڭ بۈيۈك كومپوزىتورى. ئۇ روسىيىنىڭ ۋوتكىنسكىي ئۆلكىسىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.10 يېشىدا پېتربۇرگ قانۇنچىلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، پىئانىنو ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان،23 يېشىدا پېتربۇرگ مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ مۇزىكا ئىجادىيىتى ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن موسكۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.1877 - يىلى ئۇ مۇزىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەمدە مېك خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئىجاد قىلىنغان.1893 - يىل10 - ئاينىڭ28 - كۈنى چايكوۋسكىي پېتربۇرگدا ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «6 - سىمفونىيە» گە دىرىژورلۇق قىلغان، ئارىدىن توققۇز كۈن ئۆتۈپ يورۇق ئالەم بىلەن خوشلاشقان.
چايكوۋسكىينىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، ژانىرىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چوڭ تىپتىكى ئەسەرلىرىلا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:10 ئوپېرا، بۇلارنىڭ ئىچىدە «يېۋگېني ئونېگىن» ۋە «قاغا ماتكىسى» تولىمۇ مەشھۇر؛ ئالتە سىمفونىيە، بۇلارنىڭ ئىچىدە «5 - سمفونىيە» بىلەن «6 - سىمفونىيە» داڭق قازانغان؛ تۆت كونسېرت، بۇلارنىڭ ئىچىدە «چۈشۈرۈلگەن b كىچىك كۈيلۈك پىئانىنو كونسېرتى I»، «D چوڭ كۈيلۈك ئىسكىرىپكا كونسېرتى» ئالاھىدە شۆھرەت تاپقان؛ ئۈچ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئاق قۇ كۆلى»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال»، «