Chinese→Uyghur主要词典
察合台汗国
دىن
chá hé tái hàn guó
伊
ئىسلام دىنى
چاغاتاي خانلىقى
تارىخ
chá hé tái hàn guó
<چاغاتاي خانلىقى
دۇنيا تارىخى
چاغاتاي خانلىقى
موڭغۇللارنىڭ تۆت خانلىقىنىڭ بىرى. چىڭگىزخاننى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايىنىڭ سۇيۇرغال يېرى. ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلىگەن، ئالمالىق (ھازىرقى جۇڭگو غۇلجا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا) نى پايتەخت قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوگداي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى قايدۇ لەشكەر تارتىپ، يۈەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى دۇۋاخانمۇ جور بولغان. 1301-يىلى قايدۇ ئۆلگەندىن كېيىن، دۇۋاخان يۈەن سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلغان. 1310-يىلى ئوگداي خانلىقىنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋالغان. كېيىن شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شەرقىي خانلىق ئوگداي خانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنىگە ئىگە بولۇپ، قەشقەرنى پايتەخت قىلغان، غەربىي خانلىق ماۋرا - ئۈننەھرگە ئىگە بولۇپ، سەمەرقەندنى پايتەخت قىلغان ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1370-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقى تېۇر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، بارا - بارا ئاجىزلاشقان.