Uyghur主要词典
چاغاتاي تىلى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق قوللانغان ئەدەبىي تىل. بۇ تىلنىڭ <چاغاتاي تىلى> دەپ ئاتىلىپ قېلىشىغا چاغاتاي خانلىقى ۋە چاغاتاي ئەۋلادلىرى ئورناتقان باشقا خانلىقلارنىڭ بۇ تىلنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللانغانلىقى سەۋەب بولغان